2022-يىللىق قاتار پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى 22-نۆۋەتلىك پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى. بۇ تارىختا قاتار ۋە يېقىن شەرقتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە. شۇنداقلا، 2002-يىلدىكى كورېيە ۋە ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقە. بۇنىڭدىن باشقا، قاتار دۇنيا لوڭقىسى شىمالىي يېرىم شار قىش پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ باقمىغان بىر دۆلەتنىڭ ئۆتكۈزگەن تۇنجى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى. 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن كېيىنكى پۇتبول بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قاتار ئەمىرى (پادىشاھى) تامىم بىن ھەماد ئەل سانىغا تاپشۇرغان.

2022-يىلى ئاپرېلدا، گۇرۇپپا چەك تارتىش مۇراسىمىدا، FIFA رەسمىي ھالدا قاتار دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سىمۋولىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئالاباغا خاس بولغان لائب ئىسىملىك كارتون پېرسوناژ. لائب ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «ئىنتايىن ياخشى ماھارەتكە ئىگە توپچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. FIFA نىڭ رەسمىي چۈشەندۈرۈشى: لائب شېئىردىن چىقىپ، جۇشقۇنلۇققا تولغان ۋە ھەممەيلەنگە پۇتبول خۇشاللىقىنى ئېلىپ كېلىشكە تەييار تۇرىدۇ.

مۇسابىقە جەدۋىلىگە نەزەر سالايلى! قايسى كوماندىنى قوللايسىز؟ ئۇچۇر قالدۇرۇشقا خۇش كەپسىز!

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى




