جۇڭگونىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى

   بۇ ھەپتە بىز ۋەتىنىمىز - جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە سۆزلەيمىز.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، غەربىي تىنچ ئوكيان چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ، كۆلىمى 9 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. جۇڭگونىڭ كۆلىمى فرانسىيەنىڭكىدىن تەخمىنەن 17 ھەسسە چوڭ، ياۋروپانىڭ بارلىق رايونلىرىدىن 1 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئوكيانىيەدىن (ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە تىنچ ئوكياننىڭ جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئاراللار) 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كىچىك. دېڭىز بويىدىكى باشقا زېمىنلار، مەسىلەن، دېڭىز تېررىتورىيىسى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلار ۋە قۇرۇقلۇق قەۋىتى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇمىي زېمىنى تەخمىنەن 13 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھىمالايا تېغى كۆپىنچە دۇنيانىڭ ئۆگزىسى دەپ ئاتىلىدۇ. 8800 مېتىردىن ئاشىدىغان ئېگىزلىكتىكى جومولاڭما تېغى (غەربتە ئېۋېرېست تېغى دەپ ئاتىلىدۇ) چوققىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى. جۇڭگو پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئەڭ غەرب نۇقتىسىدىن شەرققە قاراپ 5200 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خېيلۇڭجياڭ ۋە ۋۇسۇلى دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىغىچە سوزۇلىدۇ.

 

 

شەرقىي جۇڭگونىڭ ئاھالىلىرى تاڭ ئاتقاندا، غەربىي جۇڭگونىڭ ئاھالىلىرى يەنىلا تۆت سائەت قاراڭغۇلۇققا دۇچ كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالىدىكى نۇقتا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ موخې شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى خېيلۇڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان.

ئەڭ جەنۇب نۇقتىسى نەنشا ئارىلىدىكى زېڭمۇئەنشادا بولۇپ، تەخمىنەن 5500 كىلومېتىر يىراقلىقتا. شىمالىي جۇڭگو يەنىلا مۇز ۋە قار دۇنياسى ئىچىدە تۇرغاندا، ئىللىق جەنۇبتا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن. بوخەي دېڭىزى، سېرىق دېڭىز، شەرقىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى شەرق ۋە جەنۇبتىن جۇڭگو بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بۇلار بىرلىكتە كەڭ دېڭىز رايونىنى شەكىللەندۈرىدۇ. سېرىق دېڭىز، شەرقىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى بىۋاسىتە تىنچ ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ، لياۋدۇڭ ۋە شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ ئىككى «قولى» ئارىسىغا جايلاشقان بوخەي دېڭىزى بولسا ئارال دېڭىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ دېڭىز زېمىنى 5400 ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 80 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ئەڭ چوڭ ئىككى ئارال، تەيۋەن ۋە خەينەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 36 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ۋە 34 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرنى ئىگىلەيدۇ.

شىمالدىن جەنۇبقىچە، جۇڭگونىڭ ئوكيان بوغۇزلىرى بوخەي، تەيۋەن، باشى ۋە چىئوڭجوۋ بوغۇزلىرىدىن تەركىب تاپقان. جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق چېگرىسى 20،000 كىلومېتىر، دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى 18،000 كىلومېتىر. جۇڭگونىڭ چېگراسىدىكى ھەر قانداق نۇقتىدىن يولغا چىقىپ، باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ كەلگەندە، بۇ ئارىلىق ئېكۋاتوردا يەر شارىنى ئايلىنىپ چىققانغا باراۋەر.

?


ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى